Lafzullah

Uyghur Mokhtasar — القدر 97:1 – الناس 114:6

Author / source: Uyghur Mokhtasar

Contents
  1. القدر 97:1
  2. القدر 97:2
  3. القدر 97:3
  4. القدر 97:4
  5. القدر 97:5
  6. البينة 98:1
  7. البينة 98:2
  8. البينة 98:3
  9. البينة 98:4
  10. البينة 98:5
  11. البينة 98:6
  12. البينة 98:7
  13. البينة 98:8
  14. الزلزلة 99:1
  15. الزلزلة 99:2
  16. الزلزلة 99:3
  17. الزلزلة 99:4
  18. الزلزلة 99:5
  19. الزلزلة 99:6
  20. الزلزلة 99:7
  21. الزلزلة 99:8
  22. العاديات 100:1
  23. العاديات 100:2
  24. العاديات 100:3
  25. العاديات 100:4
  26. العاديات 100:5
  27. العاديات 100:6
  28. العاديات 100:7
  29. العاديات 100:8
  30. العاديات 100:9
  31. العاديات 100:10
  32. العاديات 100:11
  33. القارعة 101:1
  34. القارعة 101:2
  35. القارعة 101:3
  36. القارعة 101:4
  37. القارعة 101:5
  38. القارعة 101:6
  39. القارعة 101:7
  40. القارعة 101:8
  41. القارعة 101:9
  42. القارعة 101:10
  43. القارعة 101:11
  44. التكاثر 102:1
  45. التكاثر 102:2
  46. التكاثر 102:3
  47. التكاثر 102:4
  48. التكاثر 102:5
  49. التكاثر 102:6
  50. التكاثر 102:7
  51. التكاثر 102:8
  52. العصر 103:1
  53. العصر 103:2
  54. العصر 103:3
  55. الهمزة 104:1
  56. الهمزة 104:2
  57. الهمزة 104:3
  58. الهمزة 104:4
  59. الهمزة 104:5
  60. الهمزة 104:6
  61. الهمزة 104:7
  62. الهمزة 104:8
  63. الهمزة 104:9
  64. الفيل 105:1
  65. الفيل 105:2
  66. الفيل 105:3
  67. الفيل 105:4
  68. الفيل 105:5
  69. قريش 106:1
  70. قريش 106:2
  71. قريش 106:3
  72. قريش 106:4
  73. الماعون 107:1
  74. الماعون 107:2
  75. الماعون 107:3
  76. الماعون 107:4
  77. الماعون 107:5
  78. الماعون 107:6
  79. الماعون 107:7
  80. الكوثر 108:1
  81. الكوثر 108:2
  82. الكوثر 108:3
  83. الكافرون 109:1
  84. الكافرون 109:2
  85. الكافرون 109:3
  86. الكافرون 109:4
  87. الكافرون 109:5
  88. الكافرون 109:6
  89. النصر 110:1
  90. النصر 110:2
  91. النصر 110:3
  92. المسد 111:1
  93. المسد 111:2
  94. المسد 111:3
  95. المسد 111:4
  96. المسد 111:5
  97. الإخلاص 112:1
  98. الإخلاص 112:2
  99. الإخلاص 112:3
  100. الإخلاص 112:4
  101. الفلق 113:1
  102. الفلق 113:2
  103. الفلق 113:3
  104. الفلق 113:4
  105. الفلق 113:5
  106. الناس 114:1
  107. الناس 114:2
  108. الناس 114:3
  109. الناس 114:4
  110. الناس 114:5
  111. الناس 114:6

القدر 97:1

شەكسىزكى بىز قۇرئاننى دۇنيا ئاسمىنىغا بىراقلا نازىل قىلدۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىشنى رامىزان ئېيىنىڭ شەبى قەدر كېچىسىدە باشلىدۇق.

القدر 97:2

ئەي پەيغەمبەر! بۇ كېچىنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتىنى بىلەمسەن؟

القدر 97:3

بۇ كېچە ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر كېچىدۇركى، ئۇ ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇرغان ئادەمگە مىڭ ئايدىن ياخشىراقتۇر.

القدر 97:4

بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ شۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى بېكىتكەن رىزىق، ئۆلۈم، توغۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئېلىپ چۈشىدۇ.

القدر 97:5

بۇ مۇبارەك كېچە باشتىن - ئاخىر ھەممىسى ياخشىدۇر.

البينة 98:1

يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلارنىڭ بىرلىكىنىڭ چۇۋۇلۇشىمۇ، كۇپرى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشىمۇ ئۇلارغا ئېنىق پاكىت ۋە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن بولدى.

البينة 98:2

بۇ روشەن دەلىل - پاكىت بولسا ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى پاكلاردىن باشقىلار تۇتسا بولمايدىغان، پاك سەھىپىلەرنى ئوقۇيدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن.

البينة 98:3

ئۇ سەھىپىلەردە راست خەۋەرلەر ۋە ئادىل ھۆكۈملەر بار بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى پايدىلىق ئىشلارغا ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.

البينة 98:4

تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلار بىلەن ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالار ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا ئەۋەتكەندىن كېيىن ئىختىلاپلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلارمۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۇپرىسىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەنلەرمۇ بار.

البينة 98:5

يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ تەرسالىقى ۋە جىنايىتى شۇنىڭدا ئېنىق نامايان بولىدۇكى، ئۇلار بۇ قۇرئاندا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىمۇ بۇيرۇلغان يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، شېرىكتىن يىراق تۇرۇش، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش قاتارلىق ئەمەللەرگە بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇلار بۇيرۇلغان ئىش بولسا قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان، توغرىغا يىتەكلەيدىغان دىندۇر.

البينة 98:6

شەكسىزكى يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

البينة 98:7

شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.

البينة 98:8

ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغانلىقتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇ رەھمەتكە پەقەت پەرۋەردىگارىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ھەمدە چەكلىمىسىدىن يانغان كىشىلا ئېرىشەلەيدۇ.

الزلزلة 99:1

زېمىن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا،

الزلزلة 99:2

قوينىدىكى ئۆلۈكلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلىغان چاغدا،

الزلزلة 99:3

ئىنسان نېمە قىلارىنى بىلەلمەي: زېمىن نېمشىقا تىترەپ، جىم تۇرمايدۇ؟ دېگەن چاغدا،

الزلزلة 99:4

ئەنە شۇ بۈيۈك كۈندە زېمىن ئۆز ئۈستىدە قىلىنغان بارلىق ياخشى ۋە يامان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

الزلزلة 99:5

چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شۇنى بىلدۈرگەن ھەم بۇيرۇغاندۇر.

الزلزلة 99:6

زېمىن تەۋرەپ كېتىدىغان ئاشۇ بۈيۈك كۈندە ئىنسانلار دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھېساب ئورنىدىن توپ - توپ بولۇپ چىقىدۇ.

الزلزلة 99:7

كىمكى كىچىك چۈمۈلىگە چاغلىق بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۇنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ.

الزلزلة 99:8

كىمكى كىچىك چۈمۈلە چاغلىق بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنى كۆز ئالدىدا كۆرىدۇ.

العاديات 100:1

ئاللاھ تائالا قاتتىق يۈگۈرگەنلىكىنىڭ ئاۋازى ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئاڭلىنىدىغان دەرىجىدە تېز چاپىدىغان ئات بىلەن قەسەم قىلدى.

العاديات 100:2

تۇۋاقلىرى يەرگە قاتتىق چۈشكەنلىكتىن تاشلارغا تەگكەندە ئوت چىقىرىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.

العاديات 100:3

سەھەر ۋاقتىدا دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى.

العاديات 100:4

ئۇ ئاتلار يۈگۈرۈپ توپا - چاڭ چىقىرىدۇ.

العاديات 100:5

چەۋەندازلىقى بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

العاديات 100:6

شەكسىزكى ئىنسان پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ياخشىلىقنى چەكلىگۈچىدۇر.

العاديات 100:7

شەكسىزكى ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقنى چەكلىگەنلىكىگە شاھىدتۇركى، بۇ ئاشكارا ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

العاديات 100:8

ئىنسان مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن بېخىللىق قىلىدۇ.

العاديات 100:9

دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۇم چۈشكەن بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ، زېمىن ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چىقارغان چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۆزى خىيال قىلغاندەك بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟

العاديات 100:10

دىللاردىكى نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە باشقا نەرسىلەر ھەممىسى ئاشكارا قىلىندى.

العاديات 100:11

شەكسىزكى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاشۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

القارعة 101:1

قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت،

القارعة 101:2

قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ قايسى ۋاقىت؟

القارعة 101:3

ئەي پەيغەمبەر! قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ نېمىلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ شەكسىزكى ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر.

القارعة 101:4

ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدىغان كۈندە ئىنسانلار بەئەينى ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بوپكېتىدۇ.

القارعة 101:5

تاغلار مېڭىشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ يەڭگىللىكىدە خۇددى ئېتىلغان يۇڭدەك بوپكېتىدۇ.

القارعة 101:6

ياخشى ئەمەللىرى يامان ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىگە كەلسەك،

القارعة 101:7

ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشقا جەننەتتە ئېرىشىدۇ.

القارعة 101:8

يامان ئەمەللىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن ئادەمگە كەلسەك،

القارعة 101:9

ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى تۇرىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ.

القارعة 101:10

ئەي پەيغەمبەر! ھاۋىيەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟

القارعة 101:11

ئۇ ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇر.

التكاثر 102:1

ئەي ئىنسانلار! مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بلىەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن كاشىلا قىلىپ قويدى.

التكاثر 102:2

نىھايەت سىلەر ئۆلۈپ، قەبرەڭلارغا كىردىڭلار.

التكاثر 102:3

سىلەرنى نېمىشقا مال - دۇنيالىرىڭلارنى كۆز - كۆز قىلىشىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن كاشىلا قىپ قويدى؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.

التكاثر 102:4

چوقۇم ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىسىلەر.

التكاثر 102:5

ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرگۈزۈلۈپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغىنىڭلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار بىلەن كاشىلا بولمايتتىڭلار.

التكاثر 102:6

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم دوزاخنى كۆرىسىلەر.

التكاثر 102:7

ئاندىن ئۇنى شەكسىز ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.

التكاثر 102:8

ئاندىن كېيىن ئاشۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ساقلىق، بايلىق ۋە باشقا نېئمەتلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدۇ.

العصر 103:1

ئاللاھ تائالا دىگەر ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.

العصر 103:2

شەكسىزكى ئىنسان نۇقسان ۋە ھالاكەت ئىچىدىدۇر.

العصر 103:3

لېكىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئۆزئارا ھەقكە ۋە ھەق ئۈستىدە سەۋرچان بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقانلار بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.

الهمزة 104:1

باشقىلارنىڭ كۆپ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ھەمدە ئۇلارغا تەنە قىلىدىغانلارغا ۋاي ۋە قاتتىق ئازاب بولسۇن!

الهمزة 104:2

بۇنداق ئادەمنىڭ پۈتكۈل غېمى مال توپلاش ۋە ھېسابلاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا غېمى بولمايدۇ.

الهمزة 104:3

ئۇ جۇغلىغان مېلى ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەڭگۈ قالىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.

الهمزة 104:4

ئەمەلىيەت بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھارارىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن تاشلانغانلىكى نەرسىنى ئېزىپ، كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدىغان جەھەننەمنىڭ ئوتىغا تاشلىنىدۇ.

الهمزة 104:5

ئەي پەيغەمبەر! تاشلانغان ھەر قانداق نەرسىنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدىغان بۇ ئوتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

الهمزة 104:6

شەكسىزكى ئۇ ئاللاھنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدىغان ئوتىدۇر.

الهمزة 104:7

ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرىنى تېشىپ، يۈرىكىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ.

الهمزة 104:8

شەكسىزكى ئازابلانغۇچىلار جەھەننەمگە سولىنىدۇ.

الهمزة 104:9

ئۇلار ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلانغان بولۇپ، دوزاختىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.

الفيل 105:1

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ كەبىنى يىقماقچى بولغان ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ پىللارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھەمراھلىرىنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

الفيل 105:2

ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەبىنى يىقىش ئۈچۈن پىلانلىغان سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى. نەتىجىدە ئۇلار كىشىلەرنى كەبىدىن توسۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى.

الفيل 105:3

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ بولۇپ كېلىدىغان قۇشلارنى ئەۋەتتى.

الفيل 105:4

قۇشلار ئۇلارغا لايدىن پىشۇرۇلغان ساپال تاشلارنى ئاتاتتى.

الفيل 105:5

ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى چارىپايلار چايناپ، چەيلىۋەتكەن ساماندەك قىلىۋەتتى.

قريش 106:1

قۇرەيشلەر ئادەتلىنىپ، كۆنۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،

قريش 106:2

قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن،

قريش 106:3

ئۇلارنىڭ مۇشۇ سەپەرلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان مۇشۇ ھۆرمەتلىك ئۆينىڭ رەببى يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن!

قريش 106:4

ئۇ زات پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ دىللىرىغا ھەرەمنى ۋە ھەرەم ئاھالىسىنى ئۇلۇغلاشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاچلىقتا ئۇزۇقلاندۇردى، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلدى.

الماعون 107:1

جازا - مۇكاپات بېرىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنى بىلدىڭمۇ؟

الماعون 107:2

ئۇ يېتىمنى قوپاللىق بىلەن يېنىدىن قوغلايدىغان ئادەمدۇر.

الماعون 107:3

ئۇ نە ئۆزىنى، نە باشقىلارنى يوقسۇلغا تاماق بېرىشكە ئۈندىمەيدۇ.

الماعون 107:4

ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتە بولۇپ، ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدۇ.

الماعون 107:5

ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتە بولۇپ، ھەتتا نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدۇ.

الماعون 107:6

ئۇلارنى نامازلىرىنى ۋە باشقا ئەمەللىرىنى كۆز - كۆز قىلىدۇ، ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلمايدۇ.

الماعون 107:7

باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە ھېچبىر زىيان بولمىسىمۇ، ئۇلار باشقىلارغا ياردەم بەرگىلى ئۇنىمايدۇ.

الكوثر 108:1

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. جەننەتتىكى كەۋسەرمۇ شۇ ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر.

الكوثر 108:2

مۇشۇ نېئمەتلەرگە قارىتا مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا قارشى ھالدا يېگانە ئاللاھقا ناماز ئوقۇش ھەم قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق شۈكرى قىلغىن.

الكوثر 108:3

شەكسىزكى ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچى ھەر قانداق ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىنغۇچى بولۇپ، تامامەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ناۋادا تىلغا ئېلىنسىمۇ يامان نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.

الكافرون 109:1

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي ئاللاھقا كاپىر بولغۇچىلار!

الكافرون 109:2

مەن ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا چوقۇنمايمەن.

الكافرون 109:3

سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلغان زاتقا ئىبادەت قىلىپ باقمىدىڭلار. ئۇ زات يەككە - يېگانە ئاللاھتۇر.

الكافرون 109:4

سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن.

الكافرون 109:5

سىلەر مەن ئىبادەت قىلغان زاتقا ئىبادەت قىلىپ باقمىدىڭلار. ئۇ زات يەككە - يېگانە ئاللاھتۇر.

الكافرون 109:6

سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پەيدا قىلىۋالغان دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭمۇ ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان دىنىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر.

النصر 110:1

ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دىنىڭغا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىپ، دىنىڭنى كۈچەيتكەن ھەمدە مەككىنىڭ پەتھىسى ئەمەلىيلەشكەن چاغدا،

النصر 110:2

كىشىلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە،

النصر 110:3

بىلگىنكى، بۇ سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىڭگە سەۋەب بولغان ۋەزىپەڭنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. (بۇ چاغدا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياردەم ۋە پەتھى نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىش بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شەكسىزكى ئۇ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

المسد 111:1

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى، ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئوغلى ئەبۇ لەھەب ئەمىلى بىكار بولۇش ئارقىلىق قۇرۇق قول قالسۇن! چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت بېرەتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىقتى.

المسد 111:2

ئۇنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى نېمىگە ئەسقاتتى؟ ئۇنىڭدىن نە ئازابنى قايتۇرالمىدى، نە ئۇنى رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشتۈرەلمىدى.

المسد 111:3

ئۇ قىيامەت كۈنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىپ، ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.

المسد 111:4

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تىكەن چېچىپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىدىغان خوتۇنى ئۇممۇ جەمىلمۇ دوزاخقا كىرىدۇ.

المسد 111:5

ئۇنىڭ بوينىدا پىششىق ئېشىلگە ئارغامچا بولۇپ، ئۇ شۇ ئارغامچا بىلەن دوزاخقا يالاپ ئېلىپ كېلىنىدۇ.

الإخلاص 112:1

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.

الإخلاص 112:2

ئاللاھ تائالا ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىك سۈپەتلىرىدىكى ئۇلۇغلۇقتا تەڭداشسىزدۇر. پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا موھتاجدۇر.

الإخلاص 112:3

ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، ئۇنى بىرەرسى تۇغقانمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ نە بالىسى، نە ئاتىسى يوقتۇر.

الإخلاص 112:4

مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىشىمۇ يوقتۇر.

الفلق 113:1

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن سۇبھىنىڭ رەببىگە سىغىنىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.

الفلق 113:2

مەخلۇقاتلار ئىچىدىن زىيانداشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن.

الفلق 113:3

ھايۋاناتلارنىڭ ۋە ئوغرىلىلارنىڭ يامانلىقىدىن ئىبارەت كېچىدە يۈز بېرىدىغان يامانلىقلاردىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.

الفلق 113:4

تۈگۈنلەرگە دەم سالىدىغان سېھىرگەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.

الفلق 113:5

ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.

الناس 114:1

ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببىنىڭ پاناھىغا سىغىنىمەن.

الناس 114:2

ئىنسانلارنىڭ پادىشاھىغا سىغىنىمەنكى، ئۇ ئۇلارنى ئۆزى خالىغىنىچە باشقۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھى يوقتۇر.

الناس 114:3

ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىغا سىغىنىمەنكى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدى يوقتۇر.

الناس 114:4

ئىنسان ئاللاھنىڭ زىكرىدىن بىخۇتلىشىپ، ئاللاھ ئەسلىتىلسە ئۇنىڭغا سەل قارىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ دىلىغا ۋەسۋەسە قىلىدىغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.

الناس 114:5

شەيتان ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ.

الناس 114:6

شەيتان جىنلاردىن بولغىنىغا ئوخشاش ئىنسانلاردىنمۇ بولىدۇ.